خىتاي دائىرىلىرى 2015‏- يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە 280 مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 30 - دېكابىر كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 2015 ‏- يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن 280 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2010.12.30

 خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر تەدبىر قوللىنىپ، 2009‏- يىلدىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ۋە شۇنداقلا 2010 - يىلدىن 2012 ‏- يىلغىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2009 ‏- يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ھازىرغا قەدەر ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان 75 مىڭ ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، دائىرىلەر 2012 ‏- يىلى 5‏- ئايدىن بۇرۇن بۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر 2009‏- يىلى يۈز بەرگەن 5"‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىشسىزلىق ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش خاھىشىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. 5"‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن چەتكە قېقىلىشى ‏5"-ئىيۇل نامايىشى"نىڭ كەڭ كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان "ئالىي ۋە تېخنىكوم پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرىلەپ ئالغا سۈرۈش توغرىسىدىكى ھۆججىتى"نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت چارە ‏-تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئەربابلار، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىقنى ئازايتىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىشسىزلىقنى ئازايتىشنىڭ بىردىن ‏- بىر يولى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارغا ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدا ئۆزلىرى قارار قىلىش ھوقۇقى بېرىشتۇر دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.