ئىسلام دىنىغا قارىشى فىلىمنىڭ ئىشلىگۈچىسى ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلدى

ئامېرىكا ساقچى دائىرىلىرى ئىسلام دىنىغا قارىشى فىلىم ئىشلىگەن كالىفورنىيىلىك مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچىنى شەنبە كۈنى سوراق قىلىش ئۈچۈن ئۆيىدىن ئېلىپ كەتتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.09.15


مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 55 ياشلىق ناكوۋلا باسېلي ناكوۋلا ئەسلى مىسىردىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن خرىستىئان مۇرىتى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر ئۇنى بۇ قېتىم كېپىللىككە قويۇپ بېرىش شەرتلىرىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلەپ، ئويىدىن ئېلىپ كەتكەن ۋە ئۇنى سوراق قىلىشقا باشلىغان.

مۇھەممەد پەيغەمبەر ھاقارەتلىنىدىغان فىلىم ئىنتېرنېتتا تارقالغاندىن كېيىن، بۇ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان ۋە نامايىشلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ناكوۋلا مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىققەت مەركىزىگە ئايالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ناكوۋلا 2010 - يىلى بانكا ئالدامچىلىقى ۋە ساختا ئىسىم بىلەن كرېدىت كارتا ھېساباتى ئېچىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ 21 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە 5 يىللىق كۆزىتىش شەرىتى بىلەن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كېپىللىك شەرتلىرىدە ناكوۋلا ئىنتېرنېت ئىشلىتىشتىن چەكلەنگەن. ئەگەر ناكوۋلانىڭ ئىسلامغا قارشى فىلىمنى ئىنتېرنېتتا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىقى شەرتنى بۇزغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئۇ قايتا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.