ئىسپانىيىدىكى كاتالونيە ئاپتونوم رايونىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا مۇستەقىلچىلەر ئۈستۈنلۈك قازاندى
2012.11.26
ئىسپانىيىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى كاتالونيە ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، كاتالونيەدىكى مۇستەقىللىقنى خالايدىغان پارتىيە-گۇرۇھلار ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە 135 كىشىلىك پارلامېنتتا مۇستەقىلچىلەرنىڭ سانى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن. سايلامدىن كېيىن پىكىر بايان قىلغان، كاتالونيە ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئارتۇر ماس، بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىنى «كاتالونيەنىڭ مۇستەقىللىققا بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى» دېگەن.
كاتالونيە ئىسپانىيىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى بىر ئاپتونوم رايون بولۇپ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى 33 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەنى ئىسپانىيىنىڭ تەخمىنەن 15 تەن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. كاتالانلارنىڭ نوپۇسى بولسا 7 مىليون 500 مىڭ.
تۈركىيىنىڭ NTV خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كاتالانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسپانىيىدىكى فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى كاتالانلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ پەيدا قىلدى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە كاتالونيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما پارلامېنتتىكى ئەزالىرىنىڭ سانى يېتەرلىك بولمىغاچقا، مەزكۇر پىلانى ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن.
ئەمما ئىسپانىيىنىڭ ئاساسى قانۇنىدا، مۇستەقىللىقنى ئاۋازغا سېلىشنى چەكلەيدىغان ماددىلار بار بولغاچقا، بۇنىڭدىن كېيىن، ئىسپانىيىدىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت بىلەن كاتالانلار ئارىسىدا مەزكۇر تېمىدا قانۇنىي ۋە سىياسىي بىر ماجىرانىڭ ئەۋج ئالدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.