خىتاي تيەنئەنمېن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ما جوۋشۇ بۈگۈن پىكىر بايان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ 4 - ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 21 يىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىنى تەنقىد قىلىپ، "جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقى ۋە نارازى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا ئېلان قىلغان باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشقا شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىلغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماجوۋشۇ ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىنى "جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق" دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە خىتاينى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قازا ئۇچرىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ۋە سىياسىي تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەمدە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي دېموكراتىك كۈچلىرىمۇ خىتاينى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشقا دەۋەت قىلماقتا. بىراق، بېيجىڭ تاكى ھازىرغىچە بۇ مەسىلىدە يۇمشىغىنى يوق.