ياپونىيە ساقچىلىرى چېرتيوژ ئوغرىلىغان خىتاي جاسۇسىنى قولغا ئالدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.03.28
2012.03.28
ياپونىيە ساقچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ خىتاي جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئىسمى تاڭ بۆ، ياپونىيىنىڭ مازاك شىركىتى ئۇنى 2006-يىلى خىزمەتكە ئالغان. ئۇ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى توساتتىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. شىركەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ 2 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق چېرتيوژنى شىركەت تورىدىن چۈشۈرۈپ دىسكىغا قاچىلاپ بولغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
ياپونىيىنىڭ مازاك شىركىتى 1919-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قېلىپى 1931-يىلى لايىھىلەنگەن، مەھسۇلاتلىرى 1963-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىشقا، 74-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارادا سېتىلىشقا باشلىغان ئىدى.