ئۇ بۇ لېنتىنى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ " بۇ لېنتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپەم. چۈنكى جۇڭگودا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار جاۋ زىياڭنى بىلمەيدۇ، مېنىڭ مەقسىتىم مانا مۇشۇ ياشلارغا ئۇنى تونۇتۇش" دىگەن.
جاۋ زىياڭ 1989 - يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئەمىلىدىن ئېلىنغان ۋە تاكى 2005 - يىلى ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ئارىلىقتا 13 يىل ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى مەخپىي ھالدا ئۈنئالغۇغا ئېلىپ قويغان بولۇپ، 30 سائەتلىك بۇ لېنتا يېېقىندا ئامېرىكىدا كىتاپ بولۇپ نەشردىن چىقماقچى.