جەنۇبىي كورىيە بۈگۈن چېگرا سىزىقىدىن ئۆتكەن شىمالىي كورىيە كېمىلىرىگە توپ ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن جەنۇبىي كورىيە ھەربىي پاراخوتلىرى سېرىق دېڭىزدا، چېگرا سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتكەن شىمالىي كورىيە بېلىقچى پاراخوتىغا توپ ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.11.03

جەنۇبىي كورىيە ھەربىي قىسىم شىتاب باشلىقى يىغىنى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ بېلىقچى پاراخوتلىرى تالاش -تارتىشتىكى چېگرا سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتكەندە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، يەنە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق توختاپ ئاندىن قايتىپ كەتكەن.

جەنۇبىي كورىيە بىلەن شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا، دەل مۇشۇ تالاش - تارتىشتا تۇرۇۋاتقان چېگرا سىزىقىنىڭ ئەتراپىدا، 1999‏ - يىلى، 2002‏ - يىلى ۋە بۇلتۇر شىددەتلىك دېڭىز ئۇرۇشى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ يىل 3‏ - ئايدىمۇ مۇشۇ جايدا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى چۆكتۈرۈۋېتىلگەن، 46 نەپەر دېڭىز ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقە يۈز بەردى.

بۇ ۋەقە خەلقئارالىق تەكشۈرۈشتە، شىمالىي كورىيە ئاتقان سۇ مىناسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما پىيونياڭ ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر جىنايىتىدىن تېنىۋېلىپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.