ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى رايوندا سەنشا شەھىرى قۇرۇپ، ھەربىي گارنىزون تەسىس قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. خىتاينىڭ ھەرىكىتى مەسىلىنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ۋەزىيەتنى ئىلگىرىلەپ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق «خەلق گېزىتى» نىڭ چەتئەلگە تارقىتىلىدىغان نەشرى دۈشەنبە كۈنى ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ: بىز ئامېرىكىنى، ئىسمىنى ئاتاپ تۇتۇپ «زۇۋانىنى يىغىۋېلىش»قا چاقىرىق قىلىمىز. جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلىگە قانداقمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلسۇن، دېگەن.
«خەلق گېزىتى»نىڭ دۆلەت ئىچىگە تارقىتىلىدىغان نەشرىدە ئامېرىكىغا قارىتىلغان تەنقىد ئوخشاشلا كەسكىن بولۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ خىتاي بىلەن ئۇنىڭ ئاسىيادىكى قوشنىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «يانغىننى ئۇلغايتىپ، ئىتتىپاقسىزلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، جۇڭگوغا قارشى قەستەن دۈشمەنلىك پەيدا قىلىش يېڭى ئويۇن ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن. ۋيېتنام، فىلىپپىن، برۇنېي، مالايشىيا، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار جەنۇبىي دېڭىزدىكى سېپراتىل قاتارلىق تاقىم ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. خىتاينىڭ ئىختىلاپتىكى بۇ رايوندا سەنشا شەھىرى ۋە گارنىزون تەسىس قىلىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئاتالمىش سەنشا شەھىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.