خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنېي ۋە سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئانىي تاپقان.
خىتاي يەنە 2010-يىلىدىن بۇيان يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ بېلىقچى كېمىلىرىنى قانۇنسىز توسۇۋېلىش، دېڭىز بۇرغىلاش ئەترەتلىرىگە پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە بولغان.
ئامېرىكا 20-ئۆكتەبىر خىتاي ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكنى ھەدەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىگە ئەۋەتكەن ئاۋىئاماتكا يادرو ماتورلۇق USS گېورگې ۋاشىنگتون تىپلىق ئاۋىئاماتكا ئىكەن.
بۇ مەزكۇر دېڭى تەۋەلىكىگە تۇتىشىدىغان كىچىك دۆلەتلەرنى ئامېرىكىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئامېرىكىمۇ جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆز دۆلەت مەنپەئىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.