پاكىستاندىكى جىددىي ۋەزىيەت خىتاينى ئەندىشىگە سالدى

پاكىستاندا داۋاملىشىۋاتقان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىپ ئىشلەنگەن فىلىمگە قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ توپىلاڭغا ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك، پاكىستان دائىرىلىرى پاكىستاندىكى پايتەخت ئىسلام ئابات قاتارلىق 15 شەھەردە قول تېلېفون مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.09.21

پاكىستان باش مىنىستىرى ئەشرەپ جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ مال-مۈلكى، ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پاكىستاندا داۋاملىشىۋاتقان قالايمىقانچىلىققا قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىر ھەپتىدىن بۇيان پاكىستاندا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشنىڭ داۋامى ئاممىۋى توپىلاڭغا ئۆزگەرگەن. پاكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21-سېنتەبىر كۈنى پاكىستاندا« مەملىكەت بويىچە مۇھەممەت پەيغەمبەرنى سۆيۈش» كۈنى دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئۇرۇش-چېقىش، كۆيدۈرۈش ھەم ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. پاكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمىمۇ پىشاۋۇر شەھىرىدە نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

خىتاينىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان پاكىستاندىكى بۇ خىل جىددىي ۋەزىيەت خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن. ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە يېقىندىن بۇيان ياپونغا قارشى نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ھەرقانداق نامايىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.