ئۇيغۇر ئېلىدە 376 ئادەمگە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار جىنايەت بىلەن جازا بېرىلگەن

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ 2010-يىلىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار جىنايەت بىلەن 376 ئادەمگە جازا بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتنى ئۇيغۇر ئېلى يۇقىرى سوتنىڭ رەئىسى روزى ئىسمائىل 14-يانۋار ئۇيغۇر ئېلىدە چاقىرىلغان 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا ئاشكارىلىغان.

ئۇ، جازالانغانلار ئىچىدە "4-ئاۋغۇست سەمەن ۋەقەسى"، "12-ئاۋغۇست"، "14‏-ئاۋغۇست" ۋەقەلىرىگە چېتىلغان ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2008- يىلى 4- ئاۋغۇست قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر ياش ئەتىگەنلىك چېنىشقا چىققان خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 16 خىتاي ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 17 ئەسكىرىنى يارىدار قىلغان ئىدى.

خەۋەردە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 376 ئادەمنىڭ مىللەت تەركىبى ۋە يەنە ئاساسلىقى قايسى ۋەقەلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلار دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا، بۇلار ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.