كانادا ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ئىلتىجاسىنى رەت قىلغان

كانادا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى كاناداغا قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىجاسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېرنىڭ باياناتچىسى كورېي تېنېكې جۈمە كۈنى گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى ئىلتىجانىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خارپېرنىڭ باياناتچىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى: "كانادا گۈەنتانامودىن ھەر قانداق مەھبۇسنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ۋە باشقا تۇتقۇنلارنىڭ مەسىلىسىگە قىزىقمايدۇ."

تېنېكې، كانادانىڭ رەت قىلىش قارارىغا كېلىشتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىدا خىتاينىڭ رولى يوقلۇقىنى، تۇتقۇنلارنىڭ كانادا بىلەن ئالاقىسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە كانادا دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قايغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى "گۇناھسىز" كىشىلەر دەپ ئاقلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشىگە قارشى چىققان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغلان ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر بولسا ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىپ، باشقىلارغا ئۆلگە بولۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا گۈەنتانامو ئامېرىكا ئۆزى ياراتقان مەسىلە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكا ئۆزى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلماقتا.