كانادا باش مىنىستىرى خارپېر: كانادانىڭ خىتاي مەبلىغىنى دۆلەت بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ كۆزىتىشى زۆرۈر

كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر، كانادانىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بىراق خىتاي مەبلىغىنى دۆلەت بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.12

ستېفېن خارپېرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ خىل مۇناسىۋەت كانادانىڭ نېگىزلىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.» ئۇ يەنە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، كانادا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئافرىقىدىكى سېنېگالدا زىيارەت قىلىۋاتقان خارپېر، بۇ سۆزلەرنى خىتاي شىركىتى كانادا«نېكسېن» ئېنېرگىيە شىركىتىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ، كانادا مۇھىت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئوخشاشلا يەنە، ئوتتاۋا ھۆكۈمىتى خىتاي «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ كانادا تور ئالاقە قۇرۇلۇشىغا خېرىدار بولۇپ قاتنىشىشىنى رەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن بىر پەيتتە قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي «خۇاۋېي» ۋە «جوڭشىڭ» قاتارلىق ئىككى ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئەسۋابلىرى شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى گۇمانلىق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشى، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ 38 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان ئاۋسترالىيە تور ئالاقە سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا خېرىدار بولۇپ قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.