خىتاي ھۆكۈمىتى كىنايە خاراكتېرلىك كارتون فىلىملەرنى چەكلىمەكتە

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېۋىزور ھەم ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىكى كىنايە خاراكتېرلىك كارتون فىلىملەر ھەم ھەر خىل ھەجۋىي رەسىملەرگە قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ بۆ ئىسىملىك بىر كارتون فىلىم ئىشلىگۈچى «جەنۇبىي باغچە» ناملىق كارتون فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىمدە 2011-يىلنىڭ يىل مۆچىلى بولغان توشقاننىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئۆلۈپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

فىلىمدە يەنە 2010- يىلنىڭ مۆچەل يىلى بولغان يولۋاس ئوبرازىمۇ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ كارتون فىلىم توردا قويۇلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بۇ فىلىم ھەققىدە ئىنكاس يازغان تور ئابونتلىرى خىتايدا سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن 6 نەپەر بوۋاق ھەم كېسەل بولغان 300 مىڭ بوۋاققا تۆلەم بېرىش مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ھەم نارازىلىق بىلدۈرگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى جازالىغانلىقى ھەققىدە نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن.

بۈگۈن پەيشەنبە كۈنى بۇ كارتون فىلىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن فىلىم دەپ ئېلان قىلىنىپ، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋاڭ بۆ نەزەربەند قىلىنغان شۇنداقلا بۇ كارتون فىلىم ئېلان قىلىنغان تور بېكىتى تاقىلىپ، خىتايدىكى ھەر قانداق تور بېكىتىدە بۇ كارتون فىلىمنىڭ تەكرار قويۇلۇشىنى چەكلەنگەن.