خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشلىرى كازافىينىڭ ئوغلى سەيفۇل ئىسلام بىلەن غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرۇشۇپ، تەسلىم بولۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان
2011.10.28
خەلقئارا سوت مەھكىمىسى سەيفۇل ئىسلام بىلەن كېلىشتۈرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە «غەيرىي رەسمىي» ئالاقە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى لۇئىس مورېنو ئوكامپو جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سەيفۇل ئىسلام بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇ تەسلىم بولسا ئۇنىڭ ئادىل سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ سۆھبەتكە كىملەرنىڭ ۋاسىتىچىلىك قىلىۋاتقانلىقى، سەيفۇل ئىسلام تەسلىم بولسا ئۇنىڭ گوللاندىيىدىكى سوت مەھكىمىسىگە قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.
ئوكامپو، سەيفۇل ئىسلام خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە تەسلىم بولسا، سوت مەھكىمىسىدە ئۇنىڭغا سۆز بېرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ رەسمىي ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانغا قەدەر «گۇناھسىز» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا سوت مەھكىمىسى كازافىي، سەيفۇل ئىسلام ۋە لىۋىيە ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى سۇنۇنى ئۈستىدىن «ئۇرۇشى جىنايىتى سادىر قىلىش»، «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش » قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى. لېكىن كازافىي بىرقانچە كۈن ئىلگىرى لىۋىيىلىك ئىسيانچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خەلقئارا سوتنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى كۈچىدىن قالغان.
بىراق سەيفۇل ئىسلام خەلقئارا سوتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئاساسلىق ئادىمى بولۇپ قالغان ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىۋىيە مىللىي كېڭىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدا كازافىنىڭ ئۆلۈمى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئىسيانچىلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.