كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتاي، رۇسىيە ۋە بىلارۇسىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان قوراللار ئاۋام خەلقنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلمەكتە

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا 9 يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان قوراللارنى خىتاي، رۇسىيە ۋە بىلارۇسىيىنىڭ تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.02.09

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر تەمىنلىگەن مول مىقداردىكى پارتلاتقۇچ دورا، ھۇجۇمچى تىك ئۇچار، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىدىغان راكېتا ۋە قوراللىق ئاپتوموبىللار ھازىر دارفۇردىن سىرت، تېخى يېڭىلا مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن جەنۇبىي سۇدانغا چېگرىداش بولغان جەنۇبىي كوردوفان رايونلىرىدىكى توقۇنۇشلاردىمۇ ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئەسكەرتىپ: «بۇ قوراللارنىڭ دارفۇردا ئاۋام خەلقنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پولاتتەك پاكىتلار بار، ئەمما يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر بۇنى بىلىپ تۇرۇپ قورال ئېكسپورت قىلىشنى داۋام قىلماقتا» دېگەن.

مەزكۇر دوكلات، كېلەر ھەپتە ب د ت دا سۇدانغا قويۇلغان قورال ئېمبارگوسى قايتا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان پەيتتە ئېلان قىلىندى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى قورال -ياراقنىڭ خەلقئارادا ئېقىپ يۈرۈشىنى چەكلەش ئۈچۈن ب د ت نى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىشىنى ۋە سۇدانغا قويۇلغان قورال ئېمبارگوسىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى.

ب د ت ئېلان قىلغان رەقەملەردىن قارىغاندا، ھازىرغىچە دارفۇردىكى توقۇنۇشلاردا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.