خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تۈنۈگۈن بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان سىياسىي مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بايان قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.09.24

تەشكىلات چاقىرىقنامىسىدە كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ 9 ئاي داۋام قىلغان ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى سەۋەبلىك تەن سالامەتلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلەشكەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ سەۋەبسىز ھالدا 4 قېتىم ئارقا-ئارقىدىن ئۇزارتىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي دۆلىتىدىن كېرەم ئابدۇۋەلىنى دەرھال داۋالىتىشنى ۋە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاينىڭ كېرەم ئابدۇۋەلىگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن تەشكىلات، ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەزالىرىنى، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا ئىمزالىق خەت يېزىش، كېرەم ئابدۇۋەلىنى داۋالىتىش ۋە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1960-يىلى لوندوندا قۇرۇلغان، ئۇنىڭ بۈگۈن دۇنيادا يۈزدىن ئارتۇق شۆبىسى ۋە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى مەۋجۇت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.