كىم جۇڭيۇن شىمالىي كورىيە ھەربىي قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

شىمالىي كورىيە دۆلەت رەھبىرى كىم جۇڭىل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 28 ياشلىق ئوغلى كىم جۇڭيۇننىڭ ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسى بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، يەنى، 1 - يانۋار كۈنى ئۇ شىمالىي كورىيە تانكا قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇنىڭ مەزكۇر كۆزدىن كەچۈرۈشىگە ئۇنىڭ تاغىسى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي دائىرىلەر ھەمرا بولغان.

2012.01.01

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، شىمالىي كورىيە قىسىملىرى ئۆزلىرىنىڭ قەتئىي تۈردە كىم جۇڭيۇنگە ئەگىشىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغانلىقىنى قەسەمياد قىلغان.

31 - دېكابىر كۈنى ئۇ شىمالىي كورىيە قىسىملىرىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر مىليون 200 مىڭ كىشىلىك شىمالىي كورىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى كونترول قىلغان ئىدى. 30 - دېكابىر كۈنى شىمالىي كورىيىنىڭ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، جەنۇبىي كورىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

كىم جۇڭيۇننىڭ تەختكە چىقىدىغانلىقى دادىسى ھايات ۋاقتىدىلا ھۆكۈم قىلىنىپ بولۇنغان ئىدى. شىمالىي كورىيىنىڭ دۆلەت رەھبىرىلىك ھوقۇقى ئۈچ ئەۋلاد، ئاتىدىن بالىغا مىراس قالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن داۋاملاشماقتا. خىتاي ئىزچىل تۈردە پىيوڭياڭنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كىم جۇڭيۇن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا، بېيجىڭ ئۇنى قىزغىن قوللىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.