دوكلاتتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ھالدا كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقى، خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبو نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى قاتتىق تەنقىد قىلىندى.
مەركىزى نيۇيوركتىكى "كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش" تەشكىلاتىمۇ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ئېلان قىلغان "كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" غا خىلاپ ئىش قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن بىرلىكتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان كونترولىنى كۈچەيتكەنلىكى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، قانۇنسىز قولغا ئېلىش، جازالاش، تۈرمىگە سولاش ئەھۋاللىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانچىسى خوڭ لېي پەيشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا رەددىيە بېرىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە "كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك" دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.