كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھىندونېزىيە پرېزىدېنتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، «خەلقئارا ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى سۇسىلو بامباڭ يۇدىيونونىڭ 27‏-ئاپرېلدىن 29-ئاپرېلغىچە ھىندونېزىيىنى زىيارەت قىلغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينى «خەلقئارا ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى»غا ئىمزا قويۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.04.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ۋە يېقىندىن بېرى ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.

ھىندونېزىيە «خەلقئارا ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى» غا 2010‏-يىلى ئىمزا قويغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسېن، مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئىمزا قويۇش ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئېغىر دەپسەندىچىلىك قىلمىشى بىلەن يۈزلىشىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپلا قالماي، بۇ يەنە ئۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى قوللاش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ» دېگەن.

رىچاردسون خانىم يەنە ئەسكەرتىپ، پرېزىدېنت يودىيونونىڭ خىتاينى«ھىندونېزىيىدىن ئۈلگە ئېلىشقا ۋە دەپسەندىچىلىككە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. ھىندونېزىيە «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە بەزى ئىسلام جامائەتلىرى نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىردىن-بىر دۆلەتتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.