ئۈرۈمچىدە كۆچمە نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلمەكتە

ئىگىلىشىمىزچە، بۇلتۇر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ھەرقايسى جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تارقاقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى كۈچەيتكەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2010.12.24

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى يەنە 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ۋەقەگە قاتناشقانلار نىسبەتەن كۆپ دەپ قارالغان، بەيگە مەيدانى، يامالىق تېغى، شامالباغ، داۋان قاتارلىق مەھەللىلەردىكى ئۇششاق تىجارەت ھەم ئىشلەمچىلىكنى ئاساسى كەسىپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرغان.

تۈنۈگۈن خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى يەنە بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نامىدا خىتاي تىلى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت كۇرسقا قاتناشقانلارنىڭ ھەر بىرىگە 250 يۈەندىن ئوقۇش تولۇقلىما ياردەم پۇلى بەرگەن.

خەۋەردە يەنە، ھازىر ئۈرۈمچىدە 300 مىڭ ئەتراپىدا كۆچمە نوپۇستىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان بىر ئەربابنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ھەرقايسى جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1 مىليون ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن تۇيۇقسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى تېخىچە ئېنىق بولمىغان بىر سىر بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.