بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان ئاققۇن ئىشچىلار سانىنىڭ بىر يېرىم مىليونغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا
2012.03.29
ھەرقايسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان ئاققۇن ئىشچى سانى ھاۋانىڭ ئىسسىشى بىلەن بىراقلا ئۆرلىگەن بولۇپ، ھازىر ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىغا كېلىۋاتقان ئاققۇن ئىشچى سانى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7000 ئەتراپىدا ئىكەن.
بۇ ئىشچىلارنىڭ ئاساسلىق مەنزىلى ھازىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش پىلانلىرى يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۈرۈمچى، پىچان، كۇيتۇن، كورلا ۋە قەشقەر قاتارلىق چوڭ ۋىلايەت ۋە شەھەرلەر بولۇپ، نۆۋەتتە دائىرىلەر بۇ ئىشچىلارنى مەنزىلىگە ۋاقتىدا بىخەتەر توشۇش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان.
شىنخۇا تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىش باشلاپ، ئادەم ۋە تېخنىكا كۈچىگە بولغان ئېھتىياج ئارتقانلىقتىن، ئىچكىرىدىن كېلىدىغان ئىشچىلار سانى كۆرۈنەرلىك ئارتتى» دېگەن. ئۇيغۇر ئېلى بۈگۈنگىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان مىليونلارچە خىتاي ئاققۇن ئىشچىنى ئىش بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز يۇرتىدا ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك ناملار ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتا تەربىيىلىنىشكە، ئەزان ئەمگەك كۈچى قاتارىدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلمەكتە.