بۇ يىل قىشتا ئۇيغۇر ئېلىدىن يۇرتلىرىغا چاغان ئۆتكۈزۈشكە قايتىدىغان خىتاي ئىشلەمچىلىرى كۆپىيىدىغانلىقى پەرەز قىلىندى

«ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تۆمۈريول ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل 11 - ئۆكتەبىردىن 31 - دېكابىرغىچە بولغان 82 كۈنلۈك «قىشلىق قاتناش مەزگىلى» دە، يولۇچىلارنىڭ 5 مىليون880مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.4% ئاشىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ يىل «قىشلىق قاتناش مەزگىلى»دە، يولۇچىلار ئۈچۈن 200 دانە ۋاگوننىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يۇرتلىرىغا چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتىدىغان خىتاي ئىشلەمچىلىرى2 مىليون 930مىڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر مىليون 760 مىڭ دېھقان ئىشلەمچىلىرى، 300 مىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بار ئىكەن.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆچمە نوپۇستىكىلەردىن تەھمىنەن 6 مىليون ئادەمنىڭ تۇراقلىق نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ رايوندىكى پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، گەرچە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈلىدىغان كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئاساسەن رايونغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلىرى ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى رايوندىكى يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ چوڭ تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.