خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كۆك تاشلىق كىتابىدا مۇقىملىقنى ساقلاشتا توردىكى ئىنكاسلارغا دىققەت قىلىش تەشەببۇس قىلىندى
2012.12.18
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كۆك تاشلىق كىتابىدىن نەقىل ئېلىپ «خىتايدا ھەرخىل ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئاممىۋى ئىجتىمائىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرى 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا قارىتا كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىشى كېرەك» دېيىلگەن.
كۆك تاشلىق كىتابتىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2012-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ 30 پىرسەنتى مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئەمگەك قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقىغا بولغان نارازىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن، 20% ئى باشقا سەۋەبلەردىن يۈز بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ زور بولغان نارازىلىق نامايىشى خوڭكوڭدىكى 120 مىڭ كىشىلىك نامايىش بولۇپ، خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا يۈرگۈزمەكچى بولغان «دۆلەتنى سۆيۈش تەربىيىسى» دەرسلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن نامايىش ئېلىپ بارغان.
كۆك تاشلىق كىتابتا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئەگەر، ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مائارىپ سىستېمىسىدا بۇ دەرسلىكنى ئۆتۈشنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا ئېتىبار بەرگەن بولسا، خوڭكوڭدا نەچچە كۈن داۋاملاشقان 100 مىڭ كىشىلىك ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىپ قالغىلى بولاتتى» دېيىلگەن.