خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يۇقىرى كان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر كان ئىسلاھاتىنى تىزلىتىپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەن كانلارنى تاقايدىغانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يۇقىرى كان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.02.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«يەرشارى ۋاقىت» گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 2015 - يىلىغا كەلگۈچە يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 300 مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغان يەر ئاستى كۆمۈر كانلىرى ۋە يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 1 مىليون توننىدىن تۆۋەن بولغان ئۇستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنى تاقاشنى قارار قىلغان.

بۇنىڭدا قۇرۇلما ئىسلاھاتى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر كانلىرىنىڭ سانى ئەسلىدىكى 456 دىن نۆۋەتتىكى 352گە قىسقارتىلغان بولسىمۇ، ھەر بىر كاننىڭ يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى بىر ھەسسە ئاشۇرۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى 2004 - يىلى«غەربىنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنى مەلۇم چېكە يەتكۈزگەندىن كېيىن يېقىندىن بۇيان «غەربىنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.