خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە ئېغىر كان ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاي ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تۇنلىئان رايونىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 73 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، تەخمىنەن يەنە 30 كان ئىشچىسىنىڭ كان ئاستىدا قالغانلىقى، بۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقىتىلغان.

كان پارتلىغاندا 436 ئادەم ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 371 نەپىرى قۇتۇلدۇرۇلغان بولسىمۇ، 100 نەچچە ئادەم يارىلانغان.

خىتاي كان تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

كان پارتلاش ۋە كان ئۆلۈش ۋەقەلىرى خىتايدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، كانلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ياخشىلانماسلىق مەسىلىسى ئىزچىل ئېغىر بولۇپ كەلمەكتە.