قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسى بۇ يىل ئىچىدە 10 مىڭغا يېقىن "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى"نى تەربىيىلىگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.07.31
2010.07.31
"قەشقەر ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى" تورىدا كۆرسىتىشىچە، كوناشەھەر ناھىيىسىدە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەشتىن ئىلگىرى تەربىيىلەيدىغان مەركەزلەر ئېچىلغان. تەربىيىلەش مەركەزلىرى كوناشەھەر ناھىيىلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش ئىشخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە جەمئىي 9 مىڭ 474 ئادەم تەربىيىلەنگەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر تەربىيىلەش مەركىزى بۇ يىل جەمئىي 8 قېتىم تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان. ئەمما بۇ جەرياندا قانچىلىك ئوغۇل ۋە قانچىلىك قىز كۇرسانتنىڭ تەربىيىلىگەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. خەۋەردە بېرىلگەن رەسىمگە قارىغاندا، تەربىيىلەش سېخىدىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى ياش ئۇيغۇر قىزلىرى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويغان ۋە 2006 - يىلدىن بۇيان كۈچەيتىپ يۈرگۈزگەنىدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەن. مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان ئىدى. 2009 - يىلىدىكى "شاۋگۈەن ۋەقەسى"، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىسىگە يۆتكىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە 2009 - يىلدىكى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.