شىمالىي كورىيە ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

شىمالى كورىيە دائىرىلىرى بۈگۈن ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ھەپتە ئاخىرى ھەربىي مانېۋىر باشلىسا، شىمالىى كورىيىنىڭ بۇنىڭغا "ئەمەلىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈردى. شىمالىي كورىيە باياناتچىسى رى توڭئىل ۋېيتنام پايتەختى خانويدا چاقىرىلغان شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا مۇنبىرى يىغىنىدا تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ياپون دېڭىزىدا يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان مانېۋىرنى ئامېرىكىنىڭ "دۈشمەنلىك" ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ئۇ، قانداق "ئەمەلىي ئىنكاس" قايتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرىلەپ چۈشەندۈرمىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-07-23
Share

يىغىندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون خانىم سۆز قىلىپ، شىمالىي كورىيىدىن ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى قالغان دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولسا، "ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ۋە كۆكەمىلىك " كە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن، رى توڭئىل ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى شىمالىي كورىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز ناھايىتى ئېنىق: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەھدىتىگە ئەمەلىي ئىنكاس قايتۇرىمىز" دېگەن. كلىنتون خانىم چارشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە بىلەن شىمالىي كورىيە ئارىسىدىكى قورالسىز رايوننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە يېڭى ئىمبارگو يۈزگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت