يىغىندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون خانىم سۆز قىلىپ، شىمالىي كورىيىدىن ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى قالغان دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولسا، "ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ۋە كۆكەمىلىك " كە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
لېكىن، رى توڭئىل ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى شىمالىي كورىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز ناھايىتى ئېنىق: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەھدىتىگە ئەمەلىي ئىنكاس قايتۇرىمىز" دېگەن. كلىنتون خانىم چارشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە بىلەن شىمالىي كورىيە ئارىسىدىكى قورالسىز رايوننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە يېڭى ئىمبارگو يۈزگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.