شىمالى كورىيىنىڭ باياناتىدا يەنە، ئۆزلىرى تاۋلاپ چىققان پلۇتونيۇمنى ھەربىي قوراللارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شىمالى كورىيە ھازىر تاۋلاپ بولغان پلۇتونيۇم 6دىن 8گىچە يادرو بومبىسى ئىشلەپ چىقىشقا يېتىدىكەن.
شىمالى كورىيە 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالى كورىيىنىڭ ئاتوم قوراللىرى پىلانىنى چەكلەش ئۈچۈن، جازا قوللىنىش ھەققىدە مۇزاكىرە باشلاپ، تۈنۈگۈن (جۈمە كۈنى) شىمالى كورىيىنىڭ ھەربىي قوراللارنى توشۇش يوللىرىنى نەزەربەنت قىلىش، قورال ئىكىسپورت قىلىشنى چەكلەش، دېڭىز ياكى ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان گۇمانلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توساش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي جازا قوللۇنۇش ھەققىدە 1874 نومۇرلۇق قارار ماقۇللىغان ئىدى.