خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى يېقىندا سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەربتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشلىنىپ، شەرقىي -شىمالدىكى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىگە قەدەر يېتىپ بارىدىغانلىقى، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقىنىڭ 21 مىڭ 196 كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ خىتاي مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى 2009-يىلى ئېلان قىلغان 8851 كىلومېتىردىن بىر ھەسسە ئارتۇق ئىدى. جەنۇبىي كورىيە شەرقىي -شىمالىي ئاسىيا تارىخىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ گۇاڭيى ئەسكەرتىپ: سەددىچىن سېپىلىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق بۇنى خىتاي ئۆزى ئۆزگەرتىۋالغان بوخەي ۋە گاۋجۈلى تارىخىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قوللىنىشى مۇمكىن، دېگەن.
كورىيىلىكلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىرقى شەرقىي -شىمال بۇرۇن گاۋجۈلى دۆلىتىنىڭ زېمىنى بولۇپ، ئۇلار مىلادىدىن بۇرۇن بۇ رايوندا دۆلەت قۇرغان. دۆلىتى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، مىلادى 10-ئەسىردە ھازىرقى پيوڭياڭنى مەركەز قىلىپ، گاۋلى دۆلىتىنى تىكلىگەن.
بىراق خىتاي گاۋجۈلى دۆلىتىنى خەن سۇلالىسىگە قاراشلىق يەرلىك بەگلىك، دەپ ئېلان قىلىپ، گاۋ جۈلىنى جۇڭگو تارىخىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.
گاۋ گۇاڭيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ سەددىچىننىڭ شەرقىي-شىمالدىكى داۋامى، دەپ ئېلان قىلغان خۇشەننىڭ يەنچېڭ دېگەن يېرى، ئەمەلىيەتتە گاۋجۈلى دۆلىتىنىڭ بىر قەلئەسى. خىتاي مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى يەنە، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمىي خانلىقلار قۇرغان تۇرلارنى سەددىچىننىڭ غەربتىكى داۋامى، دەپ ئېلان قىلغان.