خىتاي ھۆكۈمىتى ئالتە تەرەپ جىددىي يىغىن ئېچىپ، كورىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
2010.11.28
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلى ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى ۋۇ داۋېي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەيدانىنى جاكارلىغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر تەكلىپىگە نىسبەتەن جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى ئىنكاس قايتۇرۇپ "ھازىر ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى باشلاشنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ " مەسۇلىيەتچان پوزىتسىيىسى بىلەن كورىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى"نى ئەسكەرتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ تەكلىپىگە نىسبەتەن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە تەرەپ ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتمىغان. ھازىرچە بۇ تەكلىپ تېخى قوبۇل قىلىنمىغان.
كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىدە تەسىر كۈچى بارلىقىنى ئېيتىشماقتا. ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق سىياسىيونلىرىدىن بىرى، سېناتور جوھن ماككەيىن خىتاينى شىمالىي كورىيىنى تىزگىنلەشتە قاتتىقراق ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى. ماكاكەيىن خىتاينىڭ كورىيە مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچان رول ئوينىماۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.