خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر مەنبەلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئېچىشقا ئىنتىلمەكتە
2011.07.24
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەربنى ئاساس قىلغان ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، شۋېتسىيە، فىنلاندىيە، ياپونىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتنىڭ كۆمۈر سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە كۆمۈر سانائەت ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە كەلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھازىرغىچە مۇنداق يەرمەنكىنى يەتتە قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشكە باشلىغان. ھازىر خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بەش ئېلېكتر شىركەتلەر گۇرۇھى ۋە 20 چوڭ كۈچلۈك كۆمۈرچىلىك كارخانىسىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلىشىپ بولغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆمۈرچىلىك ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنى ، بولۇپمۇ چەتئەل شىركەتلىرى ۋە مەبلەغلەرنى جەلپ قىلىشنى پىلان قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۆمۈر كان مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى كۆمۈر زاپىسىنىڭ ئىككى تىرىليون توننا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئېلى ئۆزىنىڭ مەزكۇر مول كۆمۈر زاپىسى ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك مول يەر ئاستى بايلىق زاپىسى بىلەن خىتايدىكى كان ئاچقۇچىلار ھەم كان تېخنىكا ئەسلىھەلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ بايلىققا ئېرىشىشنى كۆزلەيدىغان نۇقتىسىغا ئايلانغان.