134 نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

134 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەرباب بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.12.09


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - دېكابىر كۈنى 134 نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسى خىتاينىڭ يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئەۋەتىپ، ليۇ شاۋبونى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

7 - دېكابىر كۈنىگە كەلگەندە مەزكۇر ئىمزالىق خەتكە فرانسىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچىسى، 2000 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گاۋ شىڭجيەنمۇ ئاۋاز قوشۇپ، ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچىلار قاتارىغا ئۆتكەن. مەزكۇر 134 ئادەمنىڭ ئىچىدە يەنە تۆت نەپەر خىتاي مىللىتىدىن كېلىپ چىققان نوبېل مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسىىمۇ بار ئىكەن.

134 ئادەم ئوچۇق خەت يېزىپ، ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە 2012 - يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسى مويەننىڭ ئائىلىسى بىلەن شۋېتسىيىگە بېرىپ، مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى تۈرلۈك غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.