خىتاي باياناتچى ب د ت نىڭ لىۋىيە قارارىنى قوللىغانلىقى توغرىسىدا قىيىن سوئالغا دۇچ كەلدى

خىتاي، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى شەنبە كۈنى چىقارغان لىۋىيە دۆلەت باشلىقى كازافىي ھەققىدىكى جازالاش قارارىغا قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.03.01

بۈگۈن خىتاينىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي باياناتچى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن. مۇخبىر باياناتچىدىن «جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ لىۋىيە ھەققىدىكى جازالاش قارارىنى قوللىشى، جۇڭگو ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىغا خىلاپ ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغان.

ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغان باياناتچى، سوئالغا نەق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، جۇڭگونىڭ لىۋىيىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ۋە لىۋىيىدىكى مەۋجۇت سىياسىي كرىزىسنىڭ دىئالوگ ئارقىلىق ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىۋىيىدە ئىنقىلاب باشلانغاندىن بۇيان خىتاينىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەيدانى پاسسىپلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتاي پەقەت دۇنيا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىنلا ب د ت نىڭ شەنبە كۈنىدىكى مەزكۇر قارارىنى قوللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا، لىۋىيىدىكى ئىسيانچى خەلقنى ئاشكارا قوللىماقتا.

بۈگۈن فرانسىيىنىڭ ئىككى تېببىي ئايروپىلانى لىۋىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈركۈم ھەربىي پاراخوت ۋە ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرىمۇ نىشانىنى لىۋىيىگە توغرىلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.