لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلار دۈشەنبە كۈنى كازافىينىڭ يۇرتىغا يۈرۈش قىلدى

لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلار غەرب ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ كازافىيغا قارشى قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن پايدىلىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن بىر قىسىم مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىلارنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى كازافىينىڭ يۇرتى سىرت شەھىرىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-03-28
Share

لېكىن، قوزغىلاڭچىلار سىرت شەھىرىنى قوغداۋاتقان كازافىي كۈچلىرىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، بۇ شەھەرنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قوزغىلاڭچىلار سىرت شەھىرىگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن كازافىي كۈچلىرىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچراپ توختاپ قالغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ كازافىي قىسىملىرىنىڭ توپقا تۇتۇشى سەۋەبىدىن بىن جاۋىدقا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن بۇرۇن قوزغىلاڭچىلار ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن پايدىلىنىپ، لىۋىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى راست لانۇف، برېگا، ئۇقايلا ۋە بىن جاۋاد قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك نۇقتا ۋە شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان ئىدى. لېكىن، يەكشەنبە كۈندىن باشلاپ لىۋىيىدىكى ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ش ئا ئو ئە ت ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى قوغداۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان.

ش ئا ئو ئە ت نىڭ لىۋىيىدىكى ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ قوماندانى گېنېرال چارلىس بوچارد، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھۇجۇم تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان پۇقرالار ۋە ئاھالىلەر نۇقتىلىرىنى قوغداش» دەپ تەكىتلىگەن. شۇ كۈنى يەنە، فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە كازافىي تەرەپدارلىرىنى ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي كازافىيدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە دۈشەنبە كۈنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز كازافىينىڭ لىۋىيىنى بالايى-ئاپەتكە ئېلىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلغان كازافىي تەرەپدارلىرىنى، پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆتكۈنچى باسقۇچقا قاتنىشىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لىۋىيىنىڭ غەربىدىكى قوزغىلاڭچىلار ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىلاردىن مىسراتا شەھىرىدە ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر شەھەر كازافىي كۈچلىرى تەرىپىدىن توپقا تۇتۇلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت