باش ۋەزىر كامېرون يەنە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئاۋغۇست، لوندوندا 29 ياشلىق مارك دورگاننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەچچە يۈزلىگەن ئامما ساقچىخانا سىرتىغا توپلىنىپ، تىنچلىق نامايىشى ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما، 6-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى كەچتە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نامايىش تېزلىكتە نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك توپىلاڭغا ئايلانغان.
3 كۈندىن بۇيان ۋەقە تېزلىكتە ئەنگلىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگىمۇ كېڭىيىپ، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش، ھەتتا چوڭ ماگىزىنلارنى چېقىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلاردىن 40تىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.