خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋاشىنگتوندا رەسمىي خىزمەت باشلىدى
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.29
2013.01.29
مەزكۇر مەركەزنىڭ بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەركەز ئامېرىكا، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پېشقەدەم زىيالىيلار، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەندە يېتىشكەن زىيالىيلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتلىرىگە ھەر خىل مەدەنىي پائالىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش، بالىلارغا مەكتەپ ئېچىش، ياشلارنى يېتەكلەش، رەسىم، كىتاب ۋە يىغىن، مۇھاكىمە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئىككى يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان ۋە پائالىيەت ئورنى ئۈچۈن ۋاشىنگتون ئەتراپىدىن 109 مو يەر ۋە بىر بىنا سېتىۋالغان بولۇپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى ئالدىمىزدا يىللاردا ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى ئىكەن.