خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، نۇر مەھەممەد خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ئارقىلىق بېرمىغا، ئاندىن بېرمىدىن تايلاندقا يوشۇرۇن كىرگەن ۋە تايلاندنىڭ بانكوك شەھىرىدە 2 يىلدىن بېرى مۆكۈنۈپ ياشىغان.
خەۋەرلەردە يەنە نۇر مەھەممەدنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق كىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەرلەرنىڭ بىرىدە بىلدۈرۈشىچە، نۇرمەھەممەد تايلاندقا قانۇنسىز يول بىلەن كىرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداقلا تايلاندتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۇتقۇن قىلىنغان.
ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، نۇر مەھەممەد ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ۋە ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.