' ئۈچ بۇغا ' نىڭ باش مۇدىرى مېلامىن ۋەقەسىدە گۇناھكارلىقىنى قوبۇل قىلدى

خىتاينىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە باشلانغان " ئۈچ بۇغا " شىركىتىنىڭ سۈت مەھسۇلاتىغا مېلامىن ئارىلاشتۇرۇپ، 6 بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىنى، 300 مىڭ بوۋاقنىڭ بۆرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېلامىن ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سوتىدا "ئۈچ بۇغا" شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تيەن ۋېنخۇا ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بوينىغا ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008.12.31

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تيەن ۋېنخۇا "ئۈچ بۇغا" مەھسۇلاتلىرىدا مەسىلە بارلىقىنى 2008 ‏ - يىلى مايدا تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئىشنى 8 ‏ - ئايغا قەدەر دائىرىلەرگە مەلۇم قىلمىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. خەۋەردە، ساختا ۋە ئۆلچەمگە توشمايدىغان سۈپەتسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارغا سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن تيەن ۋېنخۇانىڭ ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تيەن ۋېنخۇا بىلەن تەڭ يەنە، شىركەتنىڭ 3 نەپەر يۇقىرىقى دەرىجىلىك مەسئۇلى سوتلانغان بولۇپ، " ئۈچ بۇغا"نىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى ۋاڭ يۈيلياڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىشىلەر ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.

"جۇڭگو" گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئەگەر تيەن ۋېنخۇا قاتارلىقلارنىڭ جىنايىتى مۇقىملاشسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى مېلامىن ۋەقەسىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا بىر مىليارد يۈز مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەشنى بۇيرىغان ئىدى. لېكىن بەزى ئائىلىلەر تۆلەم پۇلىنى ئاز كۆرۈپ، تۆلەمنى كۆپەيتىش توغرىسىدا ئەرز بەرگەن.

تيەن ۋېنخۇا قاتارلىقلار سوت مەھكىمىسىگە چاقىرىلىشتىن بۇرۇن شىجياجۇاڭدىكى سوت مېلامىن ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 17 كىشىنى سوتلىغان ئىدى. شىجياجۇاڭدا سوت ئېچىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە دۆلەتلىك سۈپەت ۋە ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە توپ تارقىتىش بازىرىدا سېتىلىدىغان پلاستىك قوشۇق، پىچاق، چوكا ۋە ئارىلارغا مېلامىن قوشۇلغانلىقىنى، ئەگەر بۇ قىزىسا زەھەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.