ئۈرۈمچىدىكى مەخمۇت داموللامنىڭ مېيىت نامىزىدا ۋەقە چىقىپ 100گە يېقىن كىشى قولغا ئېلىنغان
2010.12.17
مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇد داموللام ئۈرۈمچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، ئۇ دىنىي ھاياتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي چاقىرىقلىرىغا ئەگىشىپ كەتمىگەن، دىنىي پرىنسىپلاردىن چەتنىمىگەن ۋە مىللىي مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ھەر ۋاقىت ھۆكۈمەت تەرەپتە ئەمەس، جامائەت تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تۈنۈگۈنكى مېيىت نامىزىغا بىر قانچە مىڭ كىشىلىك جامائەت يىغىلغان. جامائەت جىنازىنى ئېلىپ ماڭغانلار مەرھۇمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، خانتەڭرى مەسچىتىدىن يەنئەن يولىغا قەدەر قولىدا كۆتۈرۈپ ماڭغان.
مېيىت نامىزىغا قاتناشقان جامائەتنىڭ سۈرى ۋە ھەيۋىتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈش ۋە جىنازىنى ئېلىپ مېڭىش جەريانىنى باشتىن-ئاخىر قاتتىق كونترول قىلغان. يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ نازارىتى جەريانىدا ساقچىلار بىلەن جامائەت ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، 100 گە يېقىن كىشى قولغا ئېلىنغان. بۇ مېيىت نامىزى ھەققىدە "ۋەتىنىم" تورىغا چىققان بىر خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى جىنازىنى ئېلىپ ماڭغان جامائەت زەرەتكاھلىققا يېتىپ بارغاندا، سەپنىڭ ئالدىدىكى بىرقانچە 100 ئۇيغۇر قورشاۋغا ئېلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما، ھازىرغا قەدەر تۈنۈگۈنكى مېيىت نامىزىدا يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن جامائەت ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ دەرىجىسى، سەۋەبلىرى ھەققىدە، شۇنداقلا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار مەۋجۇت ئەمەس.