مۇتەخەسسىسلەر: قۇمتۇرا مىڭ ئۆيىنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولى ئەتراپتىكى سۇ ئامبىرىنى تاقاش

يەرلىك مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا كۇچا قۇمتۇرا مىڭ ئۆيىنى رىمىونت قىلىشقا 16 مىليون يۈەن ئاجراتقان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش لياۋنىڭ رەڭلىك گېئولوگىيە ئىدارىسىگە ھۆددىگە بېرىلگەن.

قۇمتۇرا مىڭ ئۆيلىرىنى رېمونت قىلىشقا كۆپ قېتىم پۇل ئاجرىتىلغان بولسىمۇ، بىراق ۋەيرانچىلىقتىن ئىزچىل قۇتۇلالماي كەلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قۇمتۇرا مىڭ ئۆيلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ ئامبېرىنى تاقاش زۆرۈر.

بىراق دائىرىلەر قۇمتۇرا مىڭ ئۆيلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشىشىنى يامغۇر، شامال قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىگە باغلاپ، بۇ قېتىمقى رېمونت ئارقىلىق مىڭ ئۆيلەرنى شامال ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قۇمتۇرا مىڭ ئۆيىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ 3‏-ئەسىرىگە مەنسۇپ، بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان، تام رەسىملىرىنىڭ ئۇسلۇبى كۆپ خىللىققا ئىگە نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر مىڭ ئۆيلەر مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا قەدەر بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن.

بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1960-يىللاردا قىزىل دەرياسىنى توسۇپ، قۇم تۇرا مىڭ ئۆيىنىڭ يېنىغا سۇ ئامبىرى ۋە ئېلېكتر ئىستانسىسى سالغان. بۇنىڭ بىلەن مىڭ ئۆي غارلىرىنى كۆپ قېتىم سۇ بېسىپ، تاملىرىنى زەي ئېلىپ كەتكەن.

ب د ت پەن-مەدىنىيەت-مائارىپ ئورگىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇمتۇرا مىڭ ئۆيىنىڭ ئاسراشنى تەلەپ قىلغان ۋە بەزى قوغداش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر يەنە، بۇ قېتىمقى رېمونت ئارقىلىق مىڭ ئۆيلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.