مىسىردا ھۆكۈمەت جۈمە كۈنى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا ھەربىيلەرنى چىقاردى

جۈمە كۈنى مىسىردا پرېزىدېنت ھۈسنى مۇبارەك ھاكىمىيەت سورىغان 31 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش يۈز بەردى.

بۇ مىسىردا داۋام قىلىۋاتقان نامايىشنىڭ 4‏-كۈنى. 28-چېسلا جۈمە نامىزىدىن قايتقان نەچچە ئون مىڭلىغان ئاھالە مىسىرنىڭ قاھىرە، ئىسكەندىرىيە، سيۇز قاتارلىق شەھەرلىرىدە نامايىش قىلىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىپ، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

نامايىشچىلار بولسا ساقچىلارغا تاش ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. مىسىرنىڭ يۇقىرىقى چوڭ شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن جۈمە كۈنىدىكى نامايىش مەيلى كۆلەم ۋە ياكى ئادەم سانى جەھەتتە بولسۇن، پرېزىدېنت مۇبارەك ھاكىمىيەت سورىغان 31 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشىدۇر. مۇبارەك شۇ كۈنى مىسىر ئارمىيىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قاھىرە، ئىسكەندىرىيە ۋە سيۇز قاتارلىق شەھەرلەردە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى.

ھەربىي قىسىملار يۇقىرىقى شەھەرلەردە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن كەچ سائەت 6 دىن ئەتىگەن سائەت 7 گىچە كوچىغا چىقىشنى مەنئى قىلغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ھەربىي ھالەت رەسمىي يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن مىسىر تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئاھالىلەرنىڭ كوچىدا داۋاملىق نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

دائىرىلەر جۈمە كۈنى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىگە ئېغىر كاشىلا پەيدا قىلىپ، نامايىشچىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن نامايىشچىلارنىڭ ۋاسىتىلىك قاناللار ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. بەزى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سابىق ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى، ئۆكتىچىلەر رەھبىرى مۇھەممەت ئەل باراداي ئۆيىدە نەزەربەند قىلىنغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە، ھازىرغا قەدەر 1000 دەك ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مىسىر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئامېرىكا مىسىر ۋەزىيىتىدىن "چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى " نى بىلدۈردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كروۋلىي "مىسىر ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنى تەھدىت دەپ قارىماسلىقى، ئۆزىنىڭ شېرىكى دەپ قارىشى كېرەك" دېگەن.