25 نەپەر خىتاي ئىشچىسى مىسىردا گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى ئىسلام ئۆكتىچى تەشكىلاتى بېدوئۇئىنلار 31-يانۋار سەيشەنبە كۈنى 25 نەپەر خىتاي ئىشچىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ 29-يانۋار يەكشەنبە كۈنى سۇداندا يۈز بەرگەن خىتاي ئىشچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدە يەنە بىر قېتىم گۆرۈگە ئېلىۋېلىنىش ۋەقەسى ئىكەن.

مىسىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى مەلۇم سېمونت زاۋۇتىنىڭ خىتاي ئىنژېنېرى ھەم ئىشچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېدوئۇئىنلار سىناي يېرىم ئارىلىدىكى ئىسلام ئۆكتىچى تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇلار مىسىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن 2004-يىلدىن 2006-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، شۇ جايدىكى پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قولغا قولغا ئېلىنغان بدوئۇئىن تەشكىلاتىنىڭ 5 نەپەر ئەزاسىنى قويۇپ بەرسە، گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي ئىنژېنېرى ھەم خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.