ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خادانىڭ جازا مۇددىتى تولغاندىن كېيىنمۇ قويۇپ بېرىلمەي داۋاملىق رېجىم ئاستىغا ئېلىنىشى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە خادا روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، روھى ھالىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشكە باشلىغان. خادانىڭ ئايالى شىنننا ئېچىۋاتقان كىتاب دۇكىنى بۇيرۇق بىلەن تاقىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن خادانىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىم مەنبەسىمۇ ئۈزۈلۈپ، ئانا-بالا ئىككىيلەن ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان.
ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كەرىد كۋاستگالت ئەپەندىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خادانىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ دائىرىلەرگە باش ئەگمەسلىكتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى، ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرىنىڭ خادانى داۋاملىق نەزەربەند قىلىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خاداغا ئەركىنلىك بېرىلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.