موڭغۇلىيىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئىسمىنى ئۆزگەرتتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.06
2010.11.06
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر پارتىيە، ئۆز پارتىيىسى ئىسمى تەركىبىدە 1920 - يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىلىۋاتقان "ئىنقىلابىي" دېگەن سۆزنى ئېلىپ تاشلىغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، موڭغۇلىيە مائارىپ مىنىستىرى يودون ئوتگونبايار پەقەت 6 ئادەمنىڭ بۇنىڭغا قارىشى بىلەت تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ يەنە، "ئىنقىلابىي" دېگەن ئاتالغۇنىڭ پەقەت 20 - ئەسىرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە "ھازىر بىز 21 - ئەسىردە ياشاۋاتىمىز. بىزنىڭ يېڭى غايىلىرىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ، ئىنقىلاب بولماستىن بەلكى تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق،" دېگەن.
موڭغۇل خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى 1921 - يىلى قۇرۇلغان ۋە موڭغۇلىيە 1924 - يىلدىن باشلاپ ئۆزىنى كوممۇنىست دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان. موڭغۇلىيە 1990 - يىلىدىن باشلاپ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.