موڭغۇلىيىنىڭ ئۈچىنچى تۈركۈم تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ئافغانىستانغا ماڭدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئولانباتوردىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن موڭغۇلىيىنىڭ 200 كىشىلىك ئۈچىنچى تۈركۈم تىنچلىق ساقلاش قىسىمى يەنە ئالتە ئاي ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئافغانىستانغا ماڭدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.06

موڭغۇلىيىنىڭ ھازىر ئافغانىستاندا تىنچلىق ساقلاۋاتقان 180 كىشىلىك ھەربىي قىسىمى ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، موڭغۇلىيە 2009 - يىلىدىن تارتىپ "تىنچلىق ساقلاش" دېگەن نام بىلەن ئافغانىستانغا ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ مەشق قىلدۇرۇۋاتىدۇ. موڭغۇلىيە قوراللىق قىسىملىرى باش شتابى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، موڭغۇلىيىنىڭ يەنە 612 نەپەر ھەربىي خادىمى ھازىر سېررالىئون، چات، كونگو، سۇدان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەردە تىنچلىق ساقلاۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.