ئۈرۈمچى شەھىرى دۇنيادىكى مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان ئون شەھەر ئارىسىغا كىرگۈزۈلدى

ئۈرۈمچى شەھىرى دۇنيادىكى مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان ئون شەھەرنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ۋە خىتايدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇھىت ئانالىزى» تېمىسىدا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا دۇنيادىكى مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان 10 شەھەر بەلگىلەپ چىقىلغان. بۇ ئون شەھەرگە خىتايدىكى 7 شەھەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

بۇ ئون شەھەر مىلان شەھىرى، مېكسىكا شەھىرى، تېھران شەھىرى ۋە خىتايدىكى بېيجىڭ، لەنجۇ، چۇڭچىڭ، جىنەن، شىجياجۇاڭ، تەييۈەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتايدىكى چوڭ-كىچىك 500 شەھەرنىڭ ئاران بىر پىرسەنتىلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن ھاۋا ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇپ، دوكلاتتا خىتايدىكى مۇھىت كرىزىسىنىڭ باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىن مۇرەككەپلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىنىڭ ئىس-تۈتەككە تولغان ھاۋاسىنى ئوڭلاش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىپ، بىر قىسىم كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار ئوچاقلىرىنى پېچەتلەش، زاۋۇتلارنى رەتكە سېلىشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئېلىش ئارقىلىق، بەزى ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدىكى دوكلات نەتىجىسىدىن بۇنىڭ يەنىلا يېتەرلىك بولمىغانلىقى، ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.