شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ گەنسۇ دىنىي ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە، بۇ يىل گەنسۇ ئۆلكىسىدىن 2721 نەپەر مۇسۇلماننىڭ ھەجگە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق مەيلى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەتبۇئاتلىرىدا بولسۇن، بۇ يىل ھەج قىلىدىغان 14 مىڭغا يېقىن مۇسۇلماندىن زادى قانچە كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتاينىڭ ھەج سىياسىتى ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى.
ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ھەج چەكلىمىسى قويۇپ، تارقاق ھەج قىلىشنى مەنئى قىلغان. ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان تەشكىللىك ھەج پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا سان چەكلىمىسى قويۇلۇپ، ھاجىلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى قاتتىق كونترول قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ خادىملىرى ھەمراھ بولۇپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى نازارەت قىلىش، پاسپورتىنى يىغىۋېلىش، ئۇلارنىڭ باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشنى چەكلەش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.