ناتو تۈركىيىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قورالى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2012.11.19
رامىسسون سۆزىدە نۆۋەتتە تۈركىيىنىڭ سۈرىيىدىن كەلگۈسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ئۆز ئەزالىرىغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە، تۈركىيىنى ھەرقانداق بىر ھۇجۇمدىن قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمۇ بۈگۈن تۈركىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى تەلەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر تۈركىيە مۇشۇنداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويسا، گېرمانىيىدىن 200 گە يېقىن ھەربىي خادىم تۈركىيىگە يېتىپ كېلىپ مەزكۇر سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
تۈركىيە ئۆتكەن ھەپتە ناتودىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئەمما تەلەپ تېخى رەسمىي شەكىلدە يوللانمىغان. سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيە ئارىسىدا باشتىن ئاخىر پىكىر ئىختىلاپى ساقلانماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىسيانچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا قوللىنىلغان قوراللارنىڭ كۆپىنچىسىنى رۇسىيە تەمىنلىمەكتە.